ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ
From Wikipedia
ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ (Schiller(1805 - 1759) shillér 1759 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯨﺮﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ . 18 - ﯬﺳﯩﺮﺩﻩ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯬﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ 300 ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﯰ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻼﻫﯩﻴﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﯮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﮔﯩﺮﺍﻑ ﯮﮔﯧﺲ ﯰﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ . ﺑﯘ، ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﯴﭼﯜﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﯲﻣﺮﯨﻨﻰ ﯰﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ 18 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ، "ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﯬﺳﯩﺮﻯ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﯰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻓﯩﯯﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﯩﺪﺍﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯲﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯬﺳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺩﯨﺮﺍﻣﺎ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﯮﻳﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﯮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺳﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﯮﺗﯩﻨﻰ ﻻﯞﯗﻟﺪﯨﺘﯩﭗ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﮔﯩﺮﺍﻑ ﯰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ، 1782 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯩﻠﻠﯧﺮ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻓﯩﯯﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﯩﺪﺍﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯲﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ، ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ "ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ" ، "ﯞﯨﻠﮕﯩﻠﯩﻢ . ﺗﻮﺭ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .