شىللې

From Wikipedia

شىللې
شىللې

شىللې (Carl Wilhelm Scheele 1742 - 1786 )

[1]

Scheele

شىللې شىۋىتسىيىلىك ياش خىمىك، 1742 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سىترالسوند شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا، 13 يېشىدىلا گوننىبورگدىكى دورىگەر - بوخىنىڭ دوراخانىسىدا شاگىرت بولغان . بۇ بالا دوراخانىغا كەلگەندىن كىيى، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلغان . ئۇ دورا ياساشنى ئۈگىنىش داۋامىدا، ماددىلار سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىرەكلىك نەرسىلەر ھاسىل بولىغانلىقىدەك ئاجايىپ قىززىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشنى بايقىغان . بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭدا خىمىيىگە نىسپەتەن چوڭقۇر قىزىقىش پەيدا قىلغان . ئۇ بوخې ئۇستامنىڭ يىتەكچىلىكىدە، تەشنالىق بىلەن ئۈگىنىدۇ ، كۈندۈزى خىزمەت قىلغاننىڭ سىرتىدا بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى كەچتە يىرىم كىچىگىچە ئۈگىنىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كۈتۈپخانىدىكى خىمىيىگە دائىر مەشھۇر كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقىدۇ . شۇنداقلا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ . كىيىن ، شىللې يەنە خمىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىدۇ . 8 يىلدىن كىيىن شىللې گونتىبورگدىكى دوراخانىدىن چىقىپ، ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ، مالىم، ستوكھولم ۋە ئوپپىيىسىيالاردىكى دوراخانىلارغا بېرىپ ئىشلەيدۇ، ئۇ 1768 - يىلى ستوكھولمدىكى شالانبورگ دوراخانىسىغا كەلگەندە، 25 ياشلىق ياش خىمىيە ئالىمى بولۇپ قالغان ئىدى . 1773 - يىلىغا كەلگەندە ئۇ يىنىش - كۆيۈش ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ نەتىجىدە خىمىيە ئىلمىنتى بولغان ئوكسىگىننى تاپقان . 1774 - يىلى خىلورنى تاپقان . ئۇيەنە فتور، ئامياك، تۇز كىسلاتاسىنى تاپقان . فىتورىد كىسلاتاسى، ۋولفرام كىسلاتاسى، مولبىدىن كىسلاتاسى، ئاسىن كىسلاتاسى قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئىلمىنت ۋە بىرىكمىنى تاپقان . شىللې 1775 - يىلى شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى دىگەن نامغا ئىگە بولغان . شزىللې ئۆسۈملۈكلەردىكى گاللوۋ كىسلاتاسىنى ئىزلەۋاتقان ۋە تەجرىبە قىلىش ئىشى تۈگىمىگەن چاغدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن .

izdinix hekemi yollanmisi