ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ
From Wikipedia
ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ( 1818 - 1883 Ivan Turgenev )
Turgenev 1818 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ . ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ﻧﯩﯔ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﯞﺍﻟﯟﺍﺭﺍ ﯲﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯘﻝ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯰﺭﯗﭖ - ﺗﯩﻠﻼﭖ ﯪﺭﺍﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ﺑﯘ ﯬﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺑﯩﯫﺭﺍﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯰ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯩﯔ ﯪﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻫﻪﻡ ﯬﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﯰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﭽﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻫﻪﻡ ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﻩﻙ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻭﺳﭽﻪ ﻳﯩﺰﯨﻖ ﯴﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﯰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﺎﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﻴﯩﺖ - ﻗﻮﺷﺎﻕ ﯮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ . ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﯴﭼﯜﻥ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﯩﻞ - ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺱ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ . ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﻻﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﺸﯩﺪﯗ، ﯬﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻞ ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﯮﺕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . 1847 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1852 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ، ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯧﯟ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ "ﯮﯞﭼﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﯬﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭼﺎﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﯰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﯪﻱ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻣﻮﻣﻮ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﯬﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﯮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺩﻩﻝ ﯲﺯ ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .
izdinix hekemi yollnmisi