Dewey
From Wikipedia
ﺩﻳﯘﺋﯧﻲ (John Dewey 1859 - 1952 ) [1] 1859 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ، ﺩﻳﯘﺋﯧﻲ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ . ﺩﻳﯘﺋﯧﻲ ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯦﯫﻟﯩﺴﺖ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ، ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮒ، ﭘﯩﺮﺍﮔﻤﺎﻧﺴﺖ . ﯰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ "ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺰﻣﻰ " ﻳﺎﻛﻰ "ﻧﺎﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺰﻡ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ" ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﺪﻯ . ﯰ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﻰ (ﯮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ) ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ : ﺳﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ؛ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ - ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻮﻫﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﯪﻻﻗﻪ" ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ، ﺷﯘﯕﺎ ﯰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﻮﺑﯩﻴﯧﻜﯩﺘﺘﯘﺭ ، ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﻟﯩﺪﻯ . ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﺮﻭﻣﯧﻨﺘﺎﻟﯩﺰﻡ (ﻗﻮﺭﺍﻟﭽﯩﻠﯩﻖ) ﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﯰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ﯬﻫﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ، ﯰ ﻻﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻫﯩﺘﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ "ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ" ﻳﺎﻛﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﯰ ﺳﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯮﻣﻮﻣﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ "ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ" ﻳﺎﻛﻰ" ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ" ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ، ﯰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﻟﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺑﯘﺭﮊﯗﯪ " ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ" ﯞﻩ ﯪﻧﺪﺍ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﯻﻲ "ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ" ﻧﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ، ﺩﻳﯘﺋﯧﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺩﯨﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯨﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ "ﯮﺗﺘﯘﺭﺍﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﺵ" ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯰﺭﯗﻧﺪﻯ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi