ﻓﯩﻠﻮﺑﯧﺮ
From Wikipedia
ﻓﯩﻠﻮﺑﯧﺮ (1821 - 1880 . Gustave Flaubert)
فىلوبېر فىرانسىينىڭ تەنقىدىي رىئالىزم يازغۇچىسى، ئۇ 1821 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى رۇئاندا بىر ئەۋلادى دوختۇرلۇق بىلەن ئۆتكەن دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . پارىجدا قانۇننى ئوقۇپ، كىسەل تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان . دەسلەپكى يىللىرى رومانتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يازغان . 1845 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، رۇئانغا يىقىن كىرۋوسەي داچىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ جايدا ھايات كەچۈرگەن . ئۇ يېتەرلىك مىراسقا يۆلىنىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ تۈنجى رومانى "بوۋارى خانىم" ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى . ئىككىنچى رومانى"ساراڭپۇ" ، ئۈچىنچى رومانى "ھىسسىيات تەربىيىسى" ، تۆتىنچى رومانى "ئىنەنتوننىڭ ئېزىقىشى" ، بەشىنچى رومانى "بوۋار ۋە پىجوش"، ئۇنىڭ يەنە"ئۈچ ھىكايە"، "پاك قەلب"... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار . فىلوبېر رومانچىلىقتا ناھايىتى يۇقۇرى بەدىي ماھارەتكە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئەمەل قىلىدىغىنى رىئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسلى . ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى بالزاكتەك كەڭرى، رىئاللىقنى بىلىشى بالزاكتەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ، لىكىن، رىئاللىقنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىشتە، رىئالىزمنىڭ مەشھۇر ئۇستازى ، ئۇ ھەمىشەملا ھىسسىياتسىز، ئادەتتىكى تەسۋىرىي ئۇسۇللار بىلەن موھىت ۋە پىرسۇناجلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن . بەلكى بىر نەچچە ئىغىز سۆز بىلەنلا ئالاھىدىلىكنى تونۇۋىلىپ موھىت كەيپىياتىنى گەۋدىلندۈرگەن . پىرسۇناجلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان . ئۇ تولىمۇ ئۇزۇن موھىت تەسۋىرلىرىنى ياقتۇرمايتتى . بەلكى دەۋىرنىڭ پىرسۇناجلار خاراكتىرىدا ۋە ئىدىيىسىدە پەيدا قىلغان رولىغا كۆڭۈل بۆلگەن . ئۇنىڭ ئىستىلى ئاددى - ساددا، سۆزلەرنى ئىشلىتىشى تىجەشلىك، ئېنىق ۋە توغرا بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ تىل ئۇستازى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .
izdinix hekemi yollanmisi