ناپالېئون

From Wikipedia

ناپالېئون
ناپالېئون

ناپالېئون (1789 - 1821 )

Napoleon


ناپالېئون، يەنى ناپولېئون بۇناپارت، فىرانسىيە تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىئون، ھەربىي ئالىم . ئۇ فىرانسىيە بىرىنچى ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپېراتۇرى، تارىختا "ناپولېئون1"دەپ ئاتالغان . ناپولېئون 1789 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كورسكا ئارىلىدىكى ئاياسكو شەھىرىدە بىر ۋەيران بلغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1779 - يىلىدىن 1785 - يىلىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بورىنا ھىربىي مەكتىپى ۋە پارىج ھەربىي مەكتەپلىرىدەئوقۇپ ، مەخسۇس توپچىلار ئىلمىنى ئۈگەنگەن . 1785 - يىلى 9 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ توپچى قىسىمنىڭ لىيتىنانتى بولغان . فىرانسىيە زور ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن 1789 - يىلى 9 - ئايدىن 1793 - يىلى 6 - ئايغىچە ناپولېئون فىرانسىيە ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى قوللىغان ، 1793 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرى ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شۇ يىلى 9 - ئايدامايۇرلۇققا ئۆستۈرلۈپ، تولون توپچىلارقىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن . تولون جڭىدە ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تولون شەھىرىنى قايتۇرىۋالغانلىقتىن ، روبىسپىرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە گىنراللىققا ئۆستۈرۈلگەن ، 1794 - يىلى 2 - ئايدا ئىتالىيىدىكى قىسىمنىڭ توپچىلار قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن . تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن روبىسپىر كاللا كېسىش مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىپ، ناپولېئونمۇ روبىسپىرنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان . كېيىن قويۇۋىتىلىپ خىزمەتتىن چىكىندۈرۈلگەن . 1795 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى پاسىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا داڭق چىقىرىپ، 16 - كۈنى پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن .

26 - كۈنى دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە قوشۇمچە پارىج شەھەر قوغداش گارنزونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن . 1796 - يىلى 3 - ئايدا ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، قورال ئەسلىھەلىرى ناچار بولغان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئەمەلىي كۈچى زور بولغان ئاۋسترىيە - ساردىنىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . 1797 - يىلى ۋېيناغا يۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قىتىملىق فىرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى تارمار قىلىدۇ . 1798 - يىلى باھاردا تەپتىش ھۆكۈمەت ئۇنىڭ مىسىرغا يۈرۈش قىلىشىنى تەستىقلاپ، ئۇنى شەرق كورپۇسنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ . لېكىن بۇ قىتىم مەغلۇپ بولىدۇ . 1799 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ناپولېئون پارىجغا قايتىپ كېلىپ، كۆپ سانلىق تەپتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدار لىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۇرجۇئازىيە ۋە بىر قىسىم ھەربىي قوشۇننىڭ كۈچىگە تايىنىپ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، تەپتىش ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ . 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىز يىللىق ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلىدۇ . 1799 - يىلى 12 - ئايدىن 1804 - يىلى 5 - ئايغىچە ئىجرائىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئونۇتۇپ، ئۆزى بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى بولىدۇ . 1802 - يىلى 8 - ئايدا جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىز يىللىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى دەپ ئۆزگەرتىدۇ . 1804 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پۇقرالار ئاۋاز بىرىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ 12 يىللىق ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللايدۇ . 1804 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ناپالېئونغا تاج كىيدۇرلۈپ، تارىختا ناپالېئون1دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ قۇرغان ئىمپىرىيە تارىختا فىرانسىيە بىرىنچى ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ

izdinix munbiri hekemi yollanmisi