ئالىكساندىر

From Wikipedia

ئالىكساندىر
ئالىكساندىر

ئىمپىراتۇر ئالىكساندىر (مىلادىدىن بۇرۇن 323 - 356 ) (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)

Alexander the Great

ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 356 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلدى "قۇرئان كەرىم" نىڭ ئىزاھات قىسمىدا << كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەر نەيىننى مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى (ماكودونى) دەپ قارايدۇ . بەزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ . بەزىلەر ئۇنى بىر ياخشى بەندە بولۇپ ئاللا ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت، ھېكمەت ۋە پايدىلىق ئىلىم ئاتاقىلغان دەپ قارايدۇ . زۇلقەرنەيىن - ئىسكەندەر ماكىدونى ئەمەس دىگۈچىلەر ئىسكەندەر نىڭ قەدىمقى يۇنان ئىلاھ لىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۈگەنگەنلىكىنى . قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيىن بولسا تەۋھىدكە ئاللاغا ئىشىنىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئىسكەندەرنىڭ قەدىمقى يۇنان ئىلاھلىرىغا ئىتىقاد قىلىش تەرەپلىرى بولغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتىكى موھىتنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى ئىشغالىيەت قىلىۋالغان مەدەنىي ئەللەرنىڭ مەبۇدىلىرىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدى ئامۇنغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلغانىدى . ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۈگەنگەنلىكىگە كېلىدىغان بولساق(روھۇل مەئانى) تەپسىرىنىڭ مۇئەللىپى مۇنداق دەيدۇ :" بىز ئىسكەندەرنىڭ ئارىستوتىل پەلسەپىسىگە پۈتۈنلەي ئېتىقات قىلىغانلىقىغا قايىل ئەمەسمىز . چۈنكى بىر كىشىنىڭ يەنە بىركىشىگە شاگىرت بولىشى، ئۇنىڭ ھەممە مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنىڭ ئۇستازنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ " . ئىسكەندەر مەقدۇنى مىلا دىدىن 356يىل بۇرۇن تۇغۇلغان ، ئاتىسى ئۇنى ئوبدان تەربىيىلىگەن . ئۇ پەلسەپە ۋە ئىلىم مەرىپەت جەھەتتە كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلغان .ئۆز دەۋرىدە جاھاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان . مىلادىدىن 332 يىل بۇرۇن مىسىرنى ئىشغال قىلىپ ، ئۇنىڭدىن پارىسلارنى ھەيدەپ چىقارغان ، مىسىردا ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى بىنا قىلغان . سېستان، ئىراق، ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان .ئۇ مىلادىدىن 323 يىلى بۇرۇن 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 33 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ زۇلقەرنەيىن دەپ ئاتىلىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، ئۇنىڭ كىيگەن دوبۇلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چوڭ ئىككى باغلام ئۇزۇن پەي بارئىدى دەپ چۈشەندۈرگەن .( "قۇرئان كەرىم" 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى، 617 - ، 618 - بەتلەر )

izdinix munbiri hekemi yollanmisi