Kyuri
From Wikipedia
ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ (Marie Curie .1867 - 1934)
ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﯬﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﺎﺭﻳﻰ ﺳﯩﻜﻠﻮﺩﻭﯞﺳﻜﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ 1867 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﺸﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﯲﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘﯕﺎ ﯰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ . ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻐﯩﺪﯨﻼ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ، ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ، 16 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﯪﻟﺘﯘﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ، ﯰﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﻮﻟﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﯴﭼﯜﻥ، ﭼﻪﺗﯭﻟﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ ﯪﯞﺍﻝ ﻳﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﯪﺋﯩﻼ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﭗ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 1891 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﯰ ﻛﯜﻧﺪﯨﺰﻯ ﺩﻩﺭﺱ ﯪﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ . ﯰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﯰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻛﯩﭽﻪ ﺳﺎﯬﺕ 1 - 2 ﮔﯩﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯬﺗﯩﺴﻰ ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﯰ ﻳﻪﺭ - ﺑﯘﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺮﺍﭖ ﻳﯘﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﯰﻧﯩﯔ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯮﻳﯘﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﯰﻧﻰ "ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺭﺍﻫﯩﭗ" ، "ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﯪﺩﻩﻡ" ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯜﻟﯜﭘﻼ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﯰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻫﻪﺭ ﯪﻳﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯬﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 100 ﻓﯩﺮﺍﻧﻜﭽﻪ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ، ﻣﺎﻝ ﺑﺎﻫﺎﺳﯩﻤﯘ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯬﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﯬﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺷﺘﯩﻤﯘ ﻗﯩﻴﻨﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﯰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻼ ﺑﯧﺸﻰ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰﻗﺴﺎ ﺑﯩﺮﻛﯜﻥ ﻫﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﯩﻤﻪﻱ ﯪﭺ ﻗﻮﺳﺎﻕ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺑﻪﺯﻯ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻻﻕ ﭼﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻫﯩﭻ ﻧﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﯬﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯬﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﯪﭼﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﯮﻗﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺩﻩﺭﺳﺘﻪ ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﯰ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﯰﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻼ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯰﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯧﻜﺎ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯰﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ - ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﻓﯩﺰﯨﻚ ﭘﻴﯧﺮ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ، ﻣﯩﺠﻪﺯﺩﯨﻜﻰ ﯮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ، ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﻏﺎﻳﻪ ﯰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ . ﯪﺧﯩﺮﻯ 1895 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ، 28 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ 36 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﻰ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﺳﺎﺩﺩﺍ، ﯬﻣﻤﺎ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﯲﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻮﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﯰﻻﺭ ﺗﻮﻳﻠﯘﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ، ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﯲﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﯞﻩﻟﯩﺴﭙﯩﺖ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﯬﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﯪﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﯪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﯬﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯰﻻﺭ ﻛﯜﻧﺪﻧﺰﻯ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﯪﺧﺸﯩﻤﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﻛﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﯲﻳﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﯘﺭﺍﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﯰﻻﺭ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺭﯨﺪﯨﯫﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻧﺎﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﯪﺧﯩﺮﻯ 1898 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻨﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ "ﭘﻮﻟﻮﻧﯩﻲ" ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ . ﭘﻮﻟﻮﻧﯩﻴﻨﻰ ﺗﯩﭙﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻳﻪﻧﺒﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﯬﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﻲ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻳﺪﯗ . ﺭﺍﺩﯨﻴﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﯰﻻﺭ ﯪﺳﺘﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﯲﮔﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯬﺳﻜﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﯲﻳﻨﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻳﻪﺭ ﺩﯨﻦ ﯲﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺖ ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﺩﯨﻴﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻮﻧﻨﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ ، ﯮﺭﺍﻥ ﻛﺎﻥ ﺩﻩﺷﻘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ . 4 ﻳﯩﻞ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ، ﯪﺧﯩﺮﻯ 1902 - ﻳﯩﻠﻰ 0.1 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺳﺎﭖ ﺭﺍﺩﯨﻲ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﯪﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﯰﻟﯘﻍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1903 - ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﯬﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺭﺍﺩﯨﻲ ﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﯭ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، 1906 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﯲﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﯰﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﯪﺕ ﻫﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﺴﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺟﺎﻥ ﯴﺯﯛﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺪﻧﯩﻢ ﯴﭼﯜﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯬﻣﻤﺎ ﺑﯘﻫﺎﻝ ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﯰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﺍﺩﯨﻴﻨﯩﯔ ﯪﺗﯘﻡ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﺩﻭﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯲﻟﭽﻪﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﯪﺳﺎﺳﺘﺎ ، ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ، ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻨﻰ ﯪﺟﺮﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﯫﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯲﻟﭽﻪﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1911 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯩﺮ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ .
ﯰﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺸﻰ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ، ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ - ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻥ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﯞﻩ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺳﻪﯞﺭﯨﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯩﺴﻪﻝ ﯪﺯﺍﯞﯨﻨﻰ ﻳﯩﯖﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﯰ ﺭﺍﺩﯨﻲ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﻨﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﯪﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯰﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 4 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ . ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ،ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﯞﻩ ﯬﺳﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻰ ، ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯘﺭﻯ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
izdinix hekemi yollanmisi